تۈركىيە – رۇسىيە قىسىملىرى ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى « M4 » تاش يولىدا تۈركىيە – رۇسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرى 4 – قېتىم ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى.
1398796
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە فوتو سۈرەتلىك ھالدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا ئەسكەرتىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 5 – مارت كۈنى موسكۋادا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى « M4 » تاش يولىدا، تۈركىيە – رۇسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرى 4 – قېتىم ئورتاق چارلاش ئېلىپ بارغان.
فوتو سۈرەتلەردىن ئايان بولۇشىچە، ئەسكەرلەر «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە تيۈزلىرىگە ماسكا تاقىغان ۋە قوللىرىغا پەلەي كىيگەن ھالدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خاقان فىدان قاتاردا سۈرىيە مۇزاكىرە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بەدىر جاموس بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.