خەۋپسىزلىك كۈچلىرى جۇدى، ماردىن ۋە شىرناقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى شىرناقنىڭ جۇدى تېغى، شىناقنىڭ سىلوپى ۋە ماردىن قاتارلىق جايلاردا تېررورچىلارغا زەربە بەردى.
1398486
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندىلىقىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە شىرناقنىڭ جۇدى تېغى رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 2 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېرورچىنىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ماردىندا بولسا، ژاندارما خادىملىرىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بىر ئەزاسى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.