ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا مەكتۇپ يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دىن داۋالىنىۋاتقان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا تېز شىپالىق تىلىدى.

1395909
ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەدىن تېببىي ياردەم ئەشيالىرى ئەۋەتىلگەن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن بورىس جونسونغا مەكتۇپ يوللىدى؛ ئۇ مەكتۇپىدا «ھۆرمەتلىك باش ۋەزىر، قىممەتلىك دوستۇم، ئالدى بىلەن، داۋالىنىش جەريانىڭىزنىڭ تېزرەك تاماملىنىپ، سالامەتلىكىڭىزنىڭ بالدۇر ئەسلىگە كېلىشىگە سەمىمىي تىلەكداشمەن. دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھى، كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشى ۋە قىممەتلىك دوستى بولغان ئەنگلىيەنىڭ، پۈتكۈل دۇنيانى تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغان كوۋىد -19 ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك زەربىسىگە ئۇچرىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مۇشۇنداق قىيىن كۈنلەردە مەن دۆلىتىم ۋە مىللىتىمگە ۋاكالىتەن ئەنگلىيەدىكى بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن.

بىز ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى قوللانغان تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل كۆزىتىۋاتىمىز. بۇ رامكا ئىچىدە، باشتا ھۆكۈمىتىڭىز ئەزالىرى بىلەن دۆلەتلىك سەھىيە سىستېمىسى خىزمەتچىلىرىگە، بۇ سىناق مەزگىلىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بارلىق كىشىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن؛ دوستانە ئەنگلىيە خەلقىنىڭ بۇ پاجىئەدىن ئەڭ ئاز زىيان بىلەن قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەممىلا ساھەدە دېگۈدەك مۇكەممەل شەكىلدە كېتىۋاتقان مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە بولغان، تۈركىيەگە نىسبتەن كەم بولسا بولمايدىغان شېرىكلەرنىڭ بىرى بولغان ئەنگلىيە، دۆلىتىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى نۇرغۇن قېتىم ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن نامايان قىلدى. ئاخىرقى قېتىم، تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە بىرىنچى ۋەزىرىڭىز دومىنىك رائابنىڭ 2020 – يىلى 3 – مارتتا، مۇداپىئە ۋەزىرىڭىز ھۆرمەت بېن ۋاللېيس بىلەن تۈركىيە سودا ئەلچىڭىز لورد روبىننىڭ بولسا، 2020 – يىلى 12-، 13- مارتتا دۆلىتىمىزگە قىلغان زىيارەتلىرى، بۇنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى.

بىزمۇ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان دوست ۋە ئىتتىپاقدىشىمىز ئەنگلىيە بولغان ھەمكارلىقىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن ھاۋا ئارمىيەمىزنىڭ بىر ئايروپىلانى بىلەن دۆلىتىڭىزگە داۋالاش بۈيۈملىرىنى يوللايمىز.

جانابىڭىزغا بۇ يۇقۇمغا قارشى كۈرىشىڭىزدە يەنە بىر قېتىم تېز شىپالىقلار تىلەيمەن. بىز دۇنيا مىقياسىدا ياشاۋاتقان بۇ خىرىس دەۋرىنى ئارقىدا قالدۇرغاندىن كېيىن، بىز ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كۈندىن باشلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان سەمىمىي ۋە قويۇق ئالاقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىمىزنى برېكىستتىن كېيىنكى مەزگىلدە تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشنى قارار قىلىش ئۈچۈن، سىزنى ئەجداد زېمىنىڭىز بولغان دۆلىتىمىزدە كۈتۈۋېلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر