ئەردوغان: ۋىرۇستىن كېيىنكى باسقۇچقىمۇ پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز لازىم

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ھەم ۋىرۇستىن كېيىنكى باسقۇچ ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

1395426
ئەردوغان: ۋىرۇستىن كېيىنكى باسقۇچقىمۇ پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) نىڭ «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش ۋە ھەمكارلىق» ناملىق پەۋقۇلئاددە تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، پۈتكۈل  ئىنسانىيەتنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دۈشمەنگە قارشى مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى،  بۇ يىغىننىڭ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ھەم ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم قەددىمىزنى تېخىمۇ رۇسلىغان ھالدا ئۆتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى كۈندىن تارتىپلا پۇختا تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىمىز بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھازىرغىچە جىددىي بىرەر قىيىنچىلىققىمۇ دۇچ كەلمىدۇق. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. سىلەردىن كەلگەن تەلەپلەرگە <ئەڭ مۇھىم تەلەپلەر> سۈپىتىدە قاراۋاتىمىز. نۆۋەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەت <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نىڭ تەسىرىدە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي  كىرىزىسكە دۇچ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىدا، قاتناش، تاموژنا، چېگرا ئېغىزلىرى قاتارلىق ساھەلەردە خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەڭ رېئال تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قاتناش ۋە سودا مىنىستىرلىرىنىڭ  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەمىشە ئۇچۇر - ئالاقە قىلىپ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، بىز ئاخىرىدا بۇ ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشتە چوقۇم غەلىبە قىلىمىز. بۇ كۈرەشنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر تەرەپتىن، ۋىرۇستىن كېيىنكى باسقۇچ ئۈچۈنمۇ پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز لازىم. سەھىيەدىن سودا ئىشلىرىغىچە، ئىقتىسادتىن ئاممىۋى پىسخولوگىيەگىچە پۈتكۈل مەسىلىلەرگە بىر گەۋدە سۈپىتىدە قارىشىمىز، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، تېگىشلىك قەدەملەرنى تېزلىك بىلەن تاشلىشىمىز كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر