تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا چارلاش – كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئورنى بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.
1395114
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا چارلاش – كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئورنى بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى، ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز تېز سۈرئەتتە توختاۋسىز داۋام قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.