تۈركىيە ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن يەمەندە بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.

1395104
تۈركىيە ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ چاقىرىقى دائىرىسىدە، يەمەندە كوۋىد – 19 نىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «ھەممىمىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ پەۋقۇلئاددە شارائىتتا بارلىق تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز ۋە مەزكۇر يۇقۇمغا قارشى قىلىنىۋاتقان كۈرەشنى دەخلىگە ئۇچرىتىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىش لازىملىقىنى تەكىتلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر، كوۋىد – 19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن يەمەندە پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ 2 ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر