تۈركىيە ئەنگلىيەگە تېببىي ماتېرىيال ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئەنگلىيەگە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىلىدىغان تېببىي ماتېرىياللارنى ياردەم قىلدى.

1395325
تۈركىيە ئەنگلىيەگە تېببىي ماتېرىيال ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان « N95»  تىپلىق ماسكا ۋە تۇلۇمدىن تەشكىل تاپقان تېببىي ياردەم ماتېرىياللىرى بېسىلغان ۋە  پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەتىمەسگۇت ھەربىي ئايرودۇرۇمدىن ئەنگلىيەگە قاراپ ئۇچقان « A400M» تىپلىق يۈك ئايروپىلانى لوندونغا يېتىپ باردى.

ئايروپىلاندىكى تېببىي ياردەم ماتېرىياللىرىنىڭ ئۈستىگە، تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە، (13 - ئەسىردىكى مەشھۇر ئالىملاردىن) مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ، «ھەممە ياقنى ئۈمىدسىزلىك قاپلاپ كەتكەندىن كېيىن سانسىزلىغان ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقنايدۇ، ۋەھىمىلىك تۈنلەردىن كېيىن پارلاق تاڭلار ئاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرى يېزىلدى.

تۈركىيە ئەنگلىيەگە ئەتىمۇ يەنە تېببىي ماتېرىياللارنى ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا.

تۈركىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ  ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، قاراتاغ، سېربىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىناغىمۇ تېببىي ماتېرىياللارنى ياردەم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر