ئاقار كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھارجىت ساججان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1394440
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.»