ئاقار ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد باگەرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1392948
ئاقار ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئاقارنىڭ مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) بايقالغان تۇنجى كۈندىن بۇيان تېز ۋە ئەتراپلىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشقا باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، مىللىي ئىمكانىيەت ۋە قابىلىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، يەرلىك، مىللىي مەھسۇلاتلارنى ئىجاد قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، مىنىستىرلىقنىڭ بۇ دائىرىدىكى ئىقتىدارىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىرلەرنىڭ چەك – چېگراسىنى بېكىتىش، يۇقۇمنىڭ تېخىمۇ ئېغىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەجەللىك ۋىرۇس ھەققىدە ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرگەن ئاقارنىڭ، ئېھتىياج ھېس قىلىنغان ئەھۋالدا، ئىشلەپچىقىرىلغان يەرلىك ۋە مىللىي سەھىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىران خەلقىگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە ھازىر ئىكەنلىكلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر