تۈركىيەدە كوۋىد -19 غا قارشى ۋاكسېنا ۋە دورا -ئوكۇلنىڭ تۇنجى قەدىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى بىئوتېخنىكا ئىنستىتۇتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئايكۇت ئۆزكۇلنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ۋاكسېنا، ئوكۇل ۋە  دورا ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

1391991
تۈركىيەدە كوۋىد -19 غا قارشى ۋاكسېنا ۋە دورا -ئوكۇلنىڭ تۇنجى قەدىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېردىكى  رەسمىي ھېسابىدا پروفېسسور دوكتور ئايكۇت ئۆزكۇلنىڭ بۇ تەتقىقات خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

 باياناتتا: «ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ بىئوتېخنىكا ئىنستىتۇتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئايكۇت ئۆزكۇل كوۋىد -19 غا قارشى SARS-COV-2 ۋىرۇسىنى ئايرىپ ، تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى قان زەردابى ، ۋاكسېنا ۋە دورا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولغان ۋاكسىنا،  ‹SARS-COV-2 ۋىرۇسى› نى ئايرىشتا  مۇۋەپپەقىيەت قازاندى» دېيىلدى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئەركان ئىبىشمۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «دوستلىرىمنى تەبرىكلەيمەن، ئۇتۇقلىرىنىڭ داۋامىنىڭمۇ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەر چوقۇم بولىدۇ» دېدى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقات  خىزمەتلىرىنىڭ، بىئو تېخنىكا ئىنستىتۇتى ۋە مال دوختۇرلۇق فاكۇلتېتى ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر