تۈركىيە گىرېتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ ماكرون ۋە مېركېلغا يازغان مەكتۇپىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ تۈركىيە توغرىسىدا گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەگە يازغان مەكتۇپىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1391132
تۈركىيە گىرېتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ ماكرون ۋە مېركېلغا يازغان مەكتۇپىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلغا يوللىغان مەكتۇپىدىكى تۈركىيەگە مۇساپىرلار سانىغا ئاساسەن ماددىي ياردەم بېرىش تەكلىپىگە «ئىنتايىن غەلىتە ۋە ئەخلاقسىز بىر تونۇشنىڭ مەھسۇلى» دەپ باھا بەردى.

ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ، تۈركىيە توغرىسىدا ماكرون ۋە مېركېلغا يوللىغان مەكتۇپى ھەققىدىكى بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇردى؛ ئاقسوي، مىچوتاكىسنىڭ مەكتۇپىدا «تۈركىيەگە بېرىلىدىغان ماددىي ياردەمنىڭ ياۋروپاغا كېلىدىغان كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئازىيىشىغا ئاساسەن بەلگىلىنىشى» نى تەۋسىيە قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «گىرېتسىيەنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەن مۇساپىرلارغا پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا قىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نومۇس قىلارلىق مۇئامىلىلىرى تېخى ئۇنتۇلۇپ كەتمىگەن بىر پەيتتە، بۇ دۆلەتنىڭ قوپۇپ مۇساپىرلار سانىغا قاراپ ماددىي ياردەم بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئىنتايىن غەلىتە ۋە ئەخلاقسىز بىر تونۇشنىڭ مەھسۇلىدۇر. تۈركىيە، پۈتۈنلەي ئىنسانىي سەۋەبلەر تۈپەيلى مېھمان قىلغان 4 مىليون مۇساپىر ئۈچۈن ھازىرغىچە 40 مىليارد دوللار سەرپ قىلدى» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بولسا، سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان 6 مىليارد ياۋرونىڭ پەقەت 2 مىليارد 700 مىليون ياۋروسىنى بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھامى ئاقسوي، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گىرېتسىيەگە بولسا، دۆلىتىدىكى 100 مىڭ مۇساپىر ئۈچۈن 3 مىليارد ياۋروغا يېقىن پۇل ياردەم قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىزنىڭ تەكلىپىمىز مۇقىمدۇر: دۆلىتىمىزدىكى مۇساپىرلارنى گىرېتسىيە ئۆز دۆلىتىگە قوبۇل قىلسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مۇساپىرلار ئۈچۈن بېرىدىغان ماددىي ياردەمنى گىرېتسىيەگە بەرسە بولىدۇ. بىزمۇ قوشنىدارچىلىق رامكىسى ئىچىدە گىرېتسىيەگە ماددىي ياردەم قىلىمىز» دېدى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس، ماكرون بىلەن مېركېلغا مەكتۇپ يوللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر كۆچمەن كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى، بۇ دائىرىدە تۈركىيەگە بېرىلىدىغان ماددىي ياردەمنىڭ ياۋروپاغا كېلىدىغان كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئازىيىشىغا تەڭ نىسبەتتە بولۇشى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئۇ مەكتۇپىدا يەنە، تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر ئېقىنىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلەش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ئەنقەرەنىڭ كۆچمەنلەردىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېسىم ئىشلىتىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر