تۈركىيە – رۇسىيە قىسىملىرى ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى

تۈركىيە – رۇسىيە قىسىملىرى سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا 38 – قېتىم ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى.

1390732
تۈركىيە – رۇسىيە قىسىملىرى ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «<موسكۋا كېلىشىمى> دائىرىسىدە ئىدلىبتىكى < M4>  تاش يولىدا، تۈركىيە – رۇسىيە قىسىملىرى <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى.»

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ھەمبەھىرلىشىلگەن فوتو سۈرەتلەردىمۇ، ھەر ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ ماسكا تاقىغان ۋە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر