چەت ئەللەردە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەن تۈركلەرنىڭ سانى 124 كە يەتتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ چەت ئەللەردە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 124 تۈركنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1390603
چەت ئەللەردە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەن تۈركلەرنىڭ سانى 124 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، چەت ئەللەردە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالىرىمىزنىڭ سانى 124 كە يەتتى. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئامان قىلغاي! 17 – مارتتىن بۇيان 50 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 20 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرايىمىزنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.»

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سېلىم قىران، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «چەت ئەللەردە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان پۇقرالىرىمىزنىڭ دۆلەتلەرگە قارىتا تارقىلىشى مۇنداق: فىرانسىيەدە 47، گېرمانىيەدە 23، گوللاندىيەدە 20، بېلگىيەدە 10، ئەنگلىيەدە 9، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 6، شىۋېيتسىيەدە 5، شىۋېتسارىيەدە 3، ئاۋسترالىيەدە 2. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئامان قىلغاي!»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئالجىرىيەدىكى 1200 ئەتراپىدكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋە ئالجىرىيە ھاۋا يوللىرېى شىركىتىگە ئائىت ئايروپىلانلار بىلەن تۈركىيەگە كەلتۈرۈش خىزمىتى باشلاندى. بۇ خىزمەت 5 – ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى تاماملىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر