ياۋروپادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن 109 تۈرك ئۆلدى
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ياۋروپادا يۇقۇم سەۋەبىدىن 109 تۈرك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1389949
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 31 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 440 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ياۋروپا قىتئەسىدە، ۋىرۇس بىلەن يۇقملىنىپ ئۆلگەن تۈركلەرنىڭ دۆلەتلەرگە ئاساسەن تارقىلىشى تۆۋەندىكىچە:
فىرانسىيەدە 40
گوللاندىيەدە 21
گېرمانىيەدە 20
بېلگىيەدە 10
شىۋېيتسىيەدە 6
ئەنگلىيەدە 6
ئاۋسترىيەدە 2