ئەردوغان پۇتىن ۋە زېلېنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1389618
ئەردوغان پۇتىن ۋە زېلېنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
koruyucu elbise.jpg
erdogan-zelensky.jpg
erdogan-putin

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان بىلەن پۇتننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

كىرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى، تۈركىيەدىكى رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشى مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىدلىب رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تىنجىتىش ئۈچۈن 5 – مارت كۈنى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، لىۋىيەە مەسىلىسى  ۋە تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇلغان. ئىككى رەھبەر، ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە داۋاملىق ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان يەنە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن. تېلېفون سۆھبىتىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەردوغان بىلەن زېلېنىسكىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، ھەر ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنى قوغداش مەقسىتىدە قوللىنىلىۋاتقان تەدبىرلەر قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زېلېنىسكىغا،  ئۇكرائىنا تۈركىيەدىن تەلەپ قىلغان نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى ۋە ئالاھىدە قوغدىنىش كىيىمى مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر