ئوكتاي: سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ھەمكارلىقىنىڭ سىمۋولى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە باشلانغان مىللىي ھەمكارلىق سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ، تۈرك خەلقىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سىمۋول ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ت ر ت نىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا «بىز ئۆزىمىزگە يېتىمىز تۈركىيەم» شوئارى ئاستىدا باشلانغان مىللىي ھەمكارلىق سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇ تۈرك خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ: «نورمال ۋاقىتلاردا ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكىمىز ئايرىم ئەھۋال، ئەمما بېشىمىزغا بىر ئىش كەلگەندە قەددىنى تىك تۇتۇشنى، باراۋەر ۋە بىرلىكتە بولۇشنى، بىر مۇشت بولۇشنى بىلىدىغان خەلقمىز» دېدى.
ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى خىتايدا پەيدا بولغاندا، تۈركىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر قىلىۋاتقانلىرىمىز، ئېلىنغان تەدبىرلەرگە قوشۇمچە سۈپىتىدە ئىتتىپاقلىقىمىز ۋە باراۋەرلىكىمىزنى، ھەمكارلىقلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سىمۋولدۇر. بىز قولىمىزدىن كېلىدىغىنىنى ئاخىرغىچە قىلىمىز. بۇ ۋىرۇستىنىمۇ، بۇ قىيىنچىلىقتىنىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە ۋە كۈچلۈك شەكىلدە ئۆتۈپ كېتىمىز. بۇ ۋاقىتنى، ئەۋلادلىرىمىزغا ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئۆرنىكى سۈپىتىدە قالدۇرىدىغان مەزگىل سۈپىتىدە ئەسلەيمىز» دېدى.
ئۇ خەلققە «ئۆيدە قال تۈركىيە» دەپ چاقىرىق قىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىدى.