تۈركىيە جىددىي قۇتقۇزۇش كارۋات سانىدا بىرىنچى ئورۇندا

تۈركىيە ئەڭ ياخشى جىددىي قۇتقۇزۇش كارۋات ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە دىققەت قوزغىماقتا.

1389273
تۈركىيە جىددىي قۇتقۇزۇش كارۋات سانىدا بىرىنچى ئورۇندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا 875 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملانغان ۋە مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇشتا، دۆلەتلەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش كارۋات ئىقتىدارى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

گېرمانىيەدىكى بازار ۋە پىكىر تەتقىقات ئىنىستىتۇتلىرى ئىقتىسادىي ساھەلەردىن توپلىغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، نېمىسچە ۋە ئىسپانچە تىللاردا ئېلان قىلدى.

مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە مەزكۇر تىزىملىكتە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ۋە خۇسۇسىي دوختۇرخانىلار خىزمەت بېرىدىغان 13 مىڭ 211 ئىلغار تېخنىكىلىق كارۋاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 مىڭ 466 جىددىي قۇتقۇزۇش كارۋىتىنىڭ بارلىقىنى؛ تۈركىيەدە 100 مىڭ كىشىگە 40 تىن جىددىي قۇتقۇزۇش كارۋىتىنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بەزى دۆلەتلەردە 100 مىڭ كىشىگە چۈشىدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش كارۋات سانى تۆۋەندىكىچە:

ئامېرىكا-34.7

گېرمانىيە-29.2

ئىتالىيە-12.5

فىرانسىيە-11.6

جەنۇبىي كورېيە-10.6

ئىسپانىيە-9.7

ياپونىيە-7.3

ئەنگلىيە-6.6

خىتاي-3.3



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر