تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 108 كىشىگە يەتتى
تۈركىيەدە يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد -19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 16 كىشى ئېشىپ، جەمئىي 108 كىشىگە يەتتى.
1386932
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «يېڭىدىن 1704 كىشىدە ۋىرۇس باقالدى. 16 بىمار قازا قىلدى. بۇ نەتىجىلەر بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 108 گە، بېمارلارنىڭ سانى 7 مىڭ 402 گە يەتتى» دېدى.
مىنىستىر فاھرەتتىن كوجا ھازىرغىچە 55 مىڭ 464 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 7 مىڭ 402 ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، 70 بېمارنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.