ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك تېلېۋىزىيە يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ بارلىق تەرەپلەرگە، «دىنىمىز، تىلىمىز ۋە دۆلەتلىرىمىز ئوخشىمىسىمۇ، ھەممىمىزنىڭ تەقدىرى ئورتاقتۇر» دېگەندىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئەسلىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

1386026
ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك تېلېۋىزىيە يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە تېلېۋىزىيە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە يۇقۇمغا قارشى پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلغان بارلىق سەھىيە خادىملىرىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ باشتىن تارتىپلا ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «... دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنى بۇ ئېغىر كۈنلەردە يالغۇز تاشلاپ قويماسلىق ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. بۇ يۇقۇمنىڭ ھەممىمىزگە دىنىمىز، تىلىمىز ۋە دۆلەتلىرىمىز ئوخشىمىسىمۇ، ھەممىمىزنىڭ تەقدىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىدەك بىر ھەقىقەتنى ئەسلەتكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ھېچبىرىمىزنىڭ قورۇقچى ۋە بىر تەرەپلىمە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش پۇرسىتى يوق. ئەركىن، ئوچۇق ۋە قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا سودا سىستېمىسى يۇقۇمغا قارىتا يولغا قويغان تەدبىرلىرىمىزنىڭ تەسىرلىرىنى ئازايتىشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. بۇ دائىرىدە، يولغا قويىدىغان بارلىق يەرلىك تەدبىرلىرىمىزنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ماس، شۇنداقلا، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشى ناھايىتى مۇھىمدۇر» دېدى.

ئەردوغان يۇقۇمنى كونترول قىلىش، كېسەلگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئائىت تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىق ۋە مۇرەسسەلىشىش روھىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا خېلى كۆپ ساندىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلارنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە سىستېمىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

سۈرىيەلىك مۇساپىرلار باشتا بولۇپ يۇرت – ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەنلەرنىڭ يۇقۇم ئالدىدىكى ئەڭ بەختسىز قاتلام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «مەنمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئافرىقىغا ياردەم قىلىنىشى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھەممىمىزگە خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقان بۇ ۋىرۇسنىڭ، بىزگە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىر يەرگە جەم بولۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى خالايمەن. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر دائىمقىغا ئوخشاش بۇ ئاپەتكە قارىتا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر