ئەردوغان يۇقۇم توغرىسىدا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا قارشى تۇرۇش كۈرەش دائىرىسىدە تاشلانغان قەدەملەر ھەققىدە توختالدى.

1385264
ئەردوغان يۇقۇم توغرىسىدا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تاشلانغان قەدەملەر ھەققىدە توختىلىپ، «كېسەللىكنىڭ تارقىلىش نىسبىتىنى 2- 3 ھەپتە ئىچىدە تىزگىنلەپ، بۇ مۇساپىدىن ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ۋە ئەڭ ئاز زىيان بىلەن چىقىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كوۋىد – 19 غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان چارە – تەدبىرلەر ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا قىلغان تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، ««تۈركىيە كېسەللىك تۇنجى ئوتتۇرىغا چىققان كۈندىن تارتىپ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزەتكەن، ۋاقتىدا تەدبىر قوللانغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر» دېدى

تۈركىيەنىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىنىڭ سىغىمچانلىقى ۋە سۈپىتىدىن ھېچكىمنىڭ گۇمانلانماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئەردوغان، ھەرخىل ئەھۋاللارغا قارىتا تەييارلىقلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ياخشى شەكىلدە ئۆزئارا يىراق تۇرۇش ئارقىلىق 2 - 3 ھەپتە ئىچىدە كېسەللىكنىڭ تارقىلىش نىسبىتىنى تىزگىنلەپ، بۇ مۇساپىدىن ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ۋە ئەڭ ئاز زىيان بىلەن چوقۇم قۇرتۇلىمىز. ئەكسىچە بولغاندا، ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن مىساللىرىنى كۆرگىنىمىزدەك، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەر ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا تېخىمۇ ئېغىر تەدبىرلەر بىلەن ئۇچرىشىشىمىز مۇقەررەردۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا تېلېۋىزىيە نۇتقىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى بىلەن بىرلىكتە تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «ھېچبىر دۈشمەن خەلقىمىزنىڭ بىرلىكى، باراۋەرلىكى، كۈچى، ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىدىن ئۈستۈن ئەمەس. ئىنشائاللاھ بۇ ۋىرۇسنىڭ تەھدىتىنىمۇ بىرلىك، باراۋەرلىك ئىچىدە يېڭىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر