تۈركىيەدە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 59غا يەتتى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 59 غا يەتتى.

1385228
تۈركىيەدە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 59غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇمات بېرىپ، «15 بىمارىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق، بۈگۈنگىچە قازا قىلغان بىمار سانىمىز 59» دېدى.

ئۇ، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 5035 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن يېڭىدىن 561 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەھىيە مىنىستىرى، بىلىم ئورگىنى بىلەن ئاچقان يىغىنىدىن كېيىنكى باياناتىدا بولسا، 26 بىمارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر يىغىندىن كېيىن مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇق، مەكتەپلەرنىڭ 30 – ئاپرېلغىچە ئېچىلمايدىغانلىقىنى، يىراقتىن ئوقۇ - ئوقۇتۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر