شىمالىي ئىراقتا 2 ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرىغا ئوق چىقاردى...

شىمالىي ئىراقتا 2 ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرىغا گىراناتامىيوت ئېتىپ ھۇجۇم قىلىپ، 2 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولۇشى، 2 ئەسكەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تېررورچىلارغا تەۋە 4 ئورۇنغا قارىتىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدىكى ئەسكەرلىرىمىزغا گىراناتامىيوت ئېتىپ 2 ئەسكىرىمىزنى شېھىت قىلغان تېررورچىلارنىڭ 4 ئورۇنىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلىپ، پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە، ماردىننىڭ مىديات ناھىيەسى ۋە باتماندا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 2 تېررورچى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۇتقۇن قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر