ئەردوغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىكى ئۇچىرىدا، مىنىستىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون يىغىنىنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

1384174
ئەردوغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر ئۈستىدە توختىلىپ، « مىللىتىمىزگە توختاۋسىز خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز. بىز بارلىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتىمىز ھەمدە ماسلىشىش ئاساسىدا قەدەم تاشلاشنى  داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز» دېدى.

ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىكى ئۇچىرىدا، مىنىستىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون يىغىنىنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشلىرىنىڭ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا توك تالونلىرىنى كېچىكتۈرۈش كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن  سۆھبىتىىدە، ئاممىۋىي قاتناشنى ئىشلىتىش نىسبىتىدىكى تۆۋەنلەش ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان مىللىي مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلجۇقنىڭ يىراقتىن ئوقۇتۇش مۇلازىمىتىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ۋە ئىلمىي ھەيئەتنىڭ مەكتەپ تەتىلىنى ئۇزارتىش ھەققىدىكى تەۋسىيەلىرىگە جىددىي قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، خىتايدىن ئېلىپ كېلىنگەن 50 مىڭ ۋىرۇس تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى قايت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر