تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 37 گە يەتتى.

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 3672 كىشىگە دىياگنوز قويۇش تاماملاندى، بۇلاردىن 293 ىنىڭ <ۋۇخەن ۋىرۇسى> بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولۇشىمىزغا قارىماي  7 ىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى  1529 غا، ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانى 37 گە يەتتى.»

مىنىستىر كوجا ياشلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەر <ۋۇخەن ۋىرۇسى> تەھدىتىنىڭ سىرتىدىسىلەر، شۇنداقتىمۇ ھۇشيارلىقىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، تەھدىت مۇھىتىغا كىرمەڭلار، تەھدىتنى ئۆيۈڭلارغا توشۇماڭلار،  ئۆيلىرىڭلاردا تۇرۇڭلار، چۈنكى ھاياتلىق ئۆيگە سىغىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر