قالىن خەلقنى ئۆيلىرىدىن ئايرىلماسلىققا چاقىردى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆيدىن ئايرىلماسلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

قالىن خەلقنى ئۆيلىرىدىن ئايرىلماسلىققا چاقىردى
fahrettin altun.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا، (كوۋىد – 19 ۋىرۇسى سەۋەبىدىن) بىر بۇرۇلۇشنىڭ ئۇتتۇرىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. بىر چوڭ بۆسۈش نۇقتىسىدىن ئۆتۈۋاتىمىز. (بۇنىڭدىن كېيىن) ھېچقانداق نەرسە بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا يەنە، ئالدى بىلەن بۇ بورانغا تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ، «بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋىرۇستىنمۇ ئەقىللىق ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلايلى. ئۆزىمىزنى ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنى قوغدايلى. ئۆيدە تۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا كوۋىد – 19 غا تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە ھازىرغىچە چىقىرىلغان مۇھىم قارارلارنى ئورتاقلىشىپ، «تۈركىيەدە تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان مىنۇتتىن تارتىپ كوۋىد – 19 غا قارشى توختاۋسىز كۈرەش قىلماقتىمىز» دېدى.


خەتكۈچ: ۋىرۇس , تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر