چەت ئەللەردىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلار مەملەكەتكە قايتۇرۇپ كېلىندى

يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۇچۇش چەكلەنگەن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەنگىلىيە، ئىرېلاندىيە، شىۋېيېتسارىيە ۋە پولشادىن مەملىكەتكە قايتىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىندى.

1384242
چەت ئەللەردىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلار مەملەكەتكە قايتۇرۇپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم كىران تىۋىتتېردا تارقاتقان ئۇچىرىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۇچۇش چەكلەنگەن مەزكۇر 4 دۆلەتتىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانى بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياۋۇز سەلىم كىران ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىشىپ، «ئۆيىڭلارغا، ئائىلەڭلارغا قايتىپ كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز! ھازىر كارانتىنا ئارقىلىق تەدبىر ئالىدىغان ۋاقىت»دېگەنلەرنى يازدى.

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۇچۇش چەكلەنگەن 7 دۆلەتتىن 3358 ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيەگە قايتىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى بۇلدۈرگەن ھەمدە يەنە ئوقۇغۇچىلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەممىسىنىڭ چوقۇم 14 كۈنگىچە كارانتىناغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر