بىتلىستە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرى، بىتلىس تاغلىق رايونىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK ئەزاسى 3 تېرورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

بىتلىستە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاند ، ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى بىتلىس تاغلىق رايونىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ۋەقە سادىر قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 3 تېررورچىنى قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلغان.

باياناتتا، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر