ئىبراھىم كالىن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر ئۈستىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىگە قارشى تەدبىرلەر ئۈستىدە توختالدى.

1383324
ئىبراھىم كالىن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن: «ئەگەر تەدبىرلەرگە ئەمەل قىلىنمىسا، ھەممىمىز خەتەرگە دۇچ كېلىمىز، بۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ھەر بىر تەدبىر ھاياتنى قۇتۇلدۇرىدۇ» دېدى.

ئىبراھىم كالىن تۋىتتېر ھېسابىدىكى باياناتىدا: «دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە 400 مىڭغا، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 15 مىڭغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ئەگەر تەدبىرلەرگە ئەمەل قىلىنمىسا، ھەممىمىز خەتەرگە دۇچ كېلىمىز، بۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ھەر بىر تەدبىر ھاياتنى قۇتۇلدۇرىدۇ. ھەر بىر سەل قاراش ۋە پەرۋاسىزلىق، خەتەرنى 10 ھەسسە ئاشۇرىدۇ. ئۆيدە تۇرۇڭلار، ئۆزىڭىزلارنى ۋە ئەتراپىڭلاردىكىلەرنى  قوغداڭلار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر