تۈركىيەدە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 30 غا يەتتى.
1382971
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە ئىشلىرى مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇمات بېرىپ، «كورونا ۋىرۇستىن يېڭىدىن 9 كىشى قازا قىلدى، يېڭىدىن 289 ئادەمدە يۇقۇم بايقالدى. يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 1236 بولدى» دېدى.
مىنىستىر كوجا، بۈگۈنگىچە 20345 كىشىنىڭ تەكشۈرۈشلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھوشيار بولايلى. بۇ دۆلەت بۇ خەۋپكە بويۇن ئەگمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.