«ھايات ئۆيگە سىغىدۇ»

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 30 غا چىقتى.

1383461
«ھايات ئۆيگە سىغىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۋىتتېردا ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا: «ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىدىن توققۇز ئۆلۈم، 289 يېڭى ۋەقە كۆرۈلدى. جەمئىي ۋەقە سانى 1236 بولدى. بۈگۈنگىچە 20 مىڭ 345 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈلدى. شۇڭا، تەدبىر ئالايلى. بۇ دۆلەت ۋىرۇسقا يىڭىلمەيدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشىدە كىشىلەرنىڭ ئۆيىدىن چىقماسلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەش ئۈچۈن «ھايات ئۆيگە سىغىدۇ» (Hayat eve sığar) دېگەن ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر