ئوكتاي چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىم چاقىرىقتا بولدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان تۈرك ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەگە قايتىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشقا چاقىردى.

1382261
ئوكتاي چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىم چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەنگىلىيە، ئېرىلاندىيە، شىۋېتسارىيە، پولشا، ئىتالىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تۈركىيەگە قايتىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى، 2020 – يىلى 21 – مارت شەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 17:00 گىچە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىغا مۇراجىئەت  قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىز تاشقى ئىشلار، ئىچكى ئىشلار، سەھىيە، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق مىنىستىرلىقلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۇقرالىرىمىزنىڭ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىلەن تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز ۋە ئىلمىي كومىتېتنىڭ تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ئۇلارنى 14 كۈن كارانتىن ئاستىدا تۇتىمىز .»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر