ئەردوغان سەھىيە خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سەھىيە خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

1381955
ئەردوغان سەھىيە خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشا كۈرەشتە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ھارماي – تالماي ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان  بارلىق سەھىيە خادىملىرىمىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتىمىز.»

بۇ ئارىلىقتا، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت ئىشلەۋاتقان سەھىيە خادىملىرىنى ئالقىشلاش چاقىرىقى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى.

ئاممىۋى تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى  باشلانغان بىر پەيتتە،  سائەت 21 بولغاندا پۈتكۈل تۈركىيە مىقياسىدا ھەممە بىر گەۋدىگە ئايلاندى.

مىڭلارچە كىشى سەھىيە خادىملىرىنى ئالقىشلاش ئۈچۈن ئۆيلىرىنىڭ بالكونىغا چىقىپ، ئالقىش ياڭراتتى.

ھۆكۈمەت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى سەھىپىلىرىدىن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىدى.

سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى چاقىرىقىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىشىدىن كېيىن، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، «سائەت 21 دە سەھىيە خادىملىرىمىزغا ئالقىشلىرىنى ئىپادىلىگەنلىكىڭ ئۈچۈن ساڭا كۆپتىن كۆپ رەھمەت تۈركىيە!» سەرلەۋھىلىك ئۇچۇر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر ئالقىشلىرىڭلار ئارقىلىق، ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سەھىيە خادىملىرىمىزغا چەكسىز ئىلھام بېغىشلىدىڭلار. ئەتىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنمۇ ئوخشاش سائەتتە سەھىيە خادىملىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمىزنى تەكرار ئىپادىلەيلى!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر