سۈرىيەدە 3 تېرروچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەدە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئورۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1381293
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مىنىستىرلىقنىڭ ئىككىنچى بىر باياناتىدا، تېررورچىلارنىڭ پ ك ك سېپىدىن قېچىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى؛ مەزكۇر باياناتتا، «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى سىلوپىدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلار سېپىدىن قاچقان 1 پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچى نۇسايبىندىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.