ئەردوغان ئىقتىسادىي مۇقىملىق قالقىنى پىلانىنى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2019-يىلى دېكابىردا خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ دۆلىتىمىزگە پەيدا قىلغان تەھدىتىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا يوقىتىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1380791
ئەردوغان ئىقتىسادىي مۇقىملىق قالقىنى پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى» دا مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ: «بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان تەدبىرلەرگە بىرلىكتە ئاڭلىق رىئايە قىلساق ئۆيدىن چىقماسلىق ۋاقتىنى ئۈچ ھەپتىدىن ئاشۇرۇۋەتمەيمىز. خەلقنىڭ ھەر بىر نەپىرىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتى ئۆتۈپ كەتكىچە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۆيلىرىدىن چىقماسلىقىنى سورايمەن» دېدى.

ئۇ ۋىرۇسنىڭ تۈركىيەگە كېيىن ۋە چەكلىك ھالدا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ۋەزىيەتنىڭ مۇشۇ شەكىلدە قېلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەرنىڭ ئىشلەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى مەسىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرلىرىنى بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا يېقىندىن كۆزىتىپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئىككى ئايلىق قارشىلىق كۆرسىتىش باسقۇچىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ: «ئىقتىسادتا ھۆكۈمىتىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلىرىمىز، بارلىق سودا-سانائەت دۇنياسىنىڭ تەلەپلىرىنى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى توپلاپ، تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزدى» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، بارلىق سودا-سانائەت ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك «ئىقتىسادىي مۇقىملىق قالقىنى» ناملىق 100 مىليارد لىرالىق پىلان لايىھەسىنىڭ تەپسىلاتىنى تونۇشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر