تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار سانى 18 گە كۆپەيدى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملانغانلار سانى 18 گە كۆپەيدى.

1378585
تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار سانى 18 گە كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە ئىشلىرى مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بايانات بېرىپ، «يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغانلار سانى 12 بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككىسى تۇنجى بايقالغان بىمارنىڭ ئالاقە دائىرىسىدىكى كىشىلەردۇر. (بۇلارنىڭ ئىچىدە) ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەر 7، ئامېرىكادىن كەلگەنلەر 3 تۇر. ھازىرغىچە جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 18» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر