ئاقار: رۇسىيە ھەربىي ھەيئىتى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار رۇسىيە ھەيئىتى بىلەن ئەنقەرەدە بېرىلىۋاتقان ئىدلىب مۇزاكىرىلىرى نەتىجىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا 6 – مارت كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «پايتەخت ئەنقەرەدە رۇسىيە ھەربىي ھەيئىتى بىلەن مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ، مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى، ئەگەر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا، ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرسا، بىزمۇ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشقا، ئەجەللىك زەربە بېرىشكە باشلايدىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئىدلىبتىكى مەۋجۇدىيىتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، قىسىملىرىمىز داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىمەكتە، ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىمىز يوق. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، ھاۋا ئارمىيەمىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىدە، پ ك ك نىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن بىرى ئايال 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بۈگۈن 354 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 354كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.