ئاقاربىلەن شويگۇ ئىدلىب كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1375954
ئاقاربىلەن شويگۇ ئىدلىب كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا ئاقار بىلەن شويگۇ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى ئۈزۈل – كېسىللىككە ئىگە قىلىپ، قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، %81 ى بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ يۇرت – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان بىر مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۈزۈل – كېسىللىككە ئىگە بولۇشى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆزئارا ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قەتئىي ئىرادە تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر