ئەردوغان «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» نى تەبرىكلەپ مۇھىم سۆز قىلدى

بۈگۈن 8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى.

1374129
ئەردوغان «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» نى تەبرىكلەپ مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋېتى بىلەن تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاياللارنىڭ پىداكارلىقى بىلەن جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «پىداكارلىقى، تىرىشچانلىقى، سۆيگۈسى ۋە كۈرىشى بىلەن كەلگۈسىمىزنى شەكىللەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتقان شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىلىرى ھېسابلىنىدىغان ئاياللىرىمىزنىڭ خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن » دېدى.

ئەردوغان ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «ئاياللىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇشى، مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۇلارنى ھەل قىلىش تەكلىپلىرى بىلەن يېتەكلىشى ۋە مائارىپتىن سودا ھاياتى ۋە سىياسەتكىچە بولغان بارلىق ساھەدە باشلامچىلىق رولى ئوينىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ باشقۇچتا، ياخشى تەربىيە كۆرگەن، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يۇقۇرى ۋە جەسۇر ئاياللىرىمىز ئەڭ چوڭ كاپالىتىمىزدۇر» دېدى.

ئەردوغان ئايرىمچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەممەيلەننىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىدە، زوراۋانلىقنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاياللارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى ۋە شېھىت بولغانلارنىڭ ئاياللىرىغا سەۋر - تاقەت تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر