ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىگە يېتىپ بارغان كۆچمەنلەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

1373755
ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى كىرودىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج پلېنكوۋىچ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. ئىدلىبتىكى ئۆزگىرىشلەر، كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىپ، چېگرا لىنىيەلىرىگە يېتىپ بارغان كۆچمەنلەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ تاقىلىشىنىڭ، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتلىرىنى يوققا چىقىرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر