ئەردوغان بىلەن پۇتىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ھالقىلىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1372932
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تەخمىنەن 6 سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىش ھەم مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئىدلىبتا ياشاۋاتقان 4 مىليون ئىنساننى تېررورچى ئېلان قىلىپ، ئېغىر بومباردىمانغا دۇچار قىلىشنى قوبۇل قىلالمايمىز. بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن قاچقان 1.5 مىليون رايون خەلقى چېگرا رايونلىرىمىزدا توپلاندى. دۆلىتىمىزنىڭ بۇنداق تەھدىت ئالدىدا قاراپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.  <ئىدلىب سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى> 2018 – يىلقى <سوچى كېلىشىمى> گە ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ كېلىشىمنى بۇزغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك جاۋابكارى زوراۋانلىقى بىلەن رايوننىڭ تىنچلىقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىدۇر. بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسكەرلىرىمىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقەلەردىن كېيىن ئىدلىبتا يېڭى بىر سالاھىيەت شەكىللەندۈرۈش شەرتتۇر. مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە ئىدلىبتا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىدۇق، كېلىشىم بۈگۈن كېچىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. تۈركىيە بۇ باسقۇچتا بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوزغاشقا تېگىشلىك ھەر تۈرلۈك ھۇجۇمىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ساھەدە جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە.»

ساھىبخان دۆلەت رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن مۇنداق دېدى: «ھالقىلىق پەيتلەردە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ھەمىشە بىردەكلىك ھىسىل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇپ،  ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ كەلگەنىدۇق، بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. ئەردوغان بىلەن پۇقرالارنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرىگە خاتىمە بېرىدىغان، ئۇرۇش توختىتىشقا ۋەسىلە بولىدىغان، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر ھۆججەت تاييارلىدۇق. بۇ يىل جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن 3 – قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشتۇق، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەپەندىمگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.»

ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ نۇتۇقلىرىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۈن بويى مۇزاكىرە قىلىنغان ھۆججەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تەرىپىدىن ئوقۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۆججەت، ئىدلىبتا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى بىلەن تەڭ، بارلىق ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ توختىتىلىشىنى، « M-4 »  تاش يولىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا 6 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا «بىخەتەر كارىدور» شەكىللەندۈرۈلۈشىنى، تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ، 15 – مارت كۈنى باشلىنىشىنى مەزمۇن قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر