184 سۈرىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا  جەمئىيەت ئامانلىقى ساقلاش مەقسىتىدە تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « ھەربىي ھەرىكىتى» دە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 184 سۈرىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىندى.

1372344
184 سۈرىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈن بويى قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن داۋاملاشقان <باھار قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتىدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 4 تانكا، 5 توپ، 3 تانكا ئېتىش سىستېمىسى، 2 دوچكا تىپلىق قورال – ياراغلار قاچىلانغان پىكاپ، 2 بىرونىۋىك يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى، 184 سۈرىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر