ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ ئىززەت – ئابرويىنى دەپسەندە قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى ۋە سالاھىيىتى يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن مۇساپىرلار ئۈچۈن بىر مىليارد ياۋرو يوللاش تەكلىپىنى رەت قىلدى.

1370546
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ ئىززەت – ئابرويىنى دەپسەندە قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى ۋە سالاھىيىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن مۇساپىرلار ئۈچۈن بىر مىليارد ياۋرو يوللاش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، »تۈركىيەنىڭ ئىززەت – ئابرويىنى دەپسەندە قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى ۋە سالاھىيىتى يوقتۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خىزمەت زىيارىتى بىلەن ئەنقەرەگە كەلگەن بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بورىس بورىسوۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ ياۋروپاغا خىتاب قىلىپ، »مۇشۇ كۈنلەردە كۆرۈشۈۋاتىمىز، <سىلەرگە 1 مىليارد ياۋرو ئەۋەتىمىز> دېيىشىۋاتىدۇ. سىلەر كىمنى ئالدايسىلەر؟! بىز ئەمدى بۇ پۇلنىمۇ خالىمايمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، »ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكىلىرى، چېگرالارغا قاراپ مېڭىۋاتقان مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىدەك دەرىجىدە قوش ئۆلچەم ئىشلەتمەكتە. قېنى ئۇ ئادىل يۈك ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش؟ بۇ يۈكنى بىزلا كۆتۈرەمدۇق؟ بىز 40 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق چىقىم قىلدۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بورىس بورىسوۋ بولسا، ھېچكىمنىڭ ئىشىكتە كۈتۈۋاتقان مۇساپىرلارغا مۇناسىۋەتلىك كىرىزىسنى كۆرۈپ يېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، »تۈركىيەگە (تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئۈچۈن) ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ نېمىشقا (ئۆز ۋاقتىدا) بېرىلمىگەنلىكىنى چۈشىنەلمەۋاتىمەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى يۈكنى ئورتاق كۆتۈرۈشتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر