سويلۇ گىرېتسىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن مۇساپىرلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، ئەدىرنەدىن گرېتسىيە تەرەپكە ئۆتكەن كۆچمەنلەر سانىنىڭ 130 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1370693
سويلۇ گىرېتسىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن مۇساپىرلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈلەيمان سويلۇ، ئۆزىنىڭ Twitter ئادېرىسىدا گرېتسىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن كۆچمەنلەر سانى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىپ، «(تۈركىيە ۋاقتى) سائەت 9 دىن 15 مىنۇت ئۆتكىچە بولغان جەرياندا تۈركىيە زېمىنلىرىدىن چىقىپ ئەدىرنە ئارقىلىق گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتكەن كۆچمەن سانى 130 مىڭ 469 (غا يەتتى)» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر