ئەردوغان ماكرون بىلەن ئىدلىب ۋە پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېلېفون سۆھبىتىدە ئىدلىب، سۈرىيە كىرىزىسى، پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى، تۈركىيە – فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىدلىبتىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ بەدىلىنى ئەسەد قىسىملىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تۆلەتكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلار ئارا ھەمكارلىقىنى سۆز بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكەتتىمۇ وۇچۇق ۋە ئېنىق بىر شەكىلدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ھۇجۇملىرىنى توختاتمايدىكەن، ئىنسانىيەتكە خىلاپ كىرىزىسنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى پاناھلانغۇچىلار بېسىمىنىڭ تەبىئىي ھالدا، ياۋروپا چېگرالىرىغىمۇ بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇ پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر قاتارلىق خەلقئارا جامائەتچلىكنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىگە رىئايە قىلىشى، ئادىل يۈك بۆلۈشۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا تۈركىيەگە ياردەمدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ 4 مىليون پاناھلانغۇچىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، 1 يېرىم مىليون پاناھلانغۇچىنىڭ ھازىر چېگرادا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يۈرت – ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ بارلىق رايونلارغا نىسبەتەن ئورتاق مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا فىرانسىيە ۋە ياۋروپادىن كونكرېت ھەل قىلىش چارىسى تەكلىپلىرىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بۈگۈن 248 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 248 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.