سۇلايمان سويلۇ: گىرېتسىيەنى كۆچمەنلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىمىز

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ گىرېتسىيەنى كۆچمەنلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.

1369951
سۇلايمان سويلۇ: گىرېتسىيەنى كۆچمەنلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ سۈرىيە كىرىزىسى باشلانغان 2011 - يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر، تۈركىيەنىڭ بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ تاشلىغان مۇناسىپ قەدەملىرى بىلەن دۇنياغا كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش جەھەتتە ئۈلگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ يۈكنى تۈركىيەنىڭ يالغۇز كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەزىيەتنى ئىسىل ۋىجدان بىلەن ئىدارە قىلغانلىقىنى  بىلدۈرگەن سۇلايمان سويلۇ، تۈركىيەنىڭ ھازىر 3 مىليون 600 مىڭ سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنى قوشقاندا، جەمئىي 4 مىليون  پاناھلانغۇچىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تېخى يېقىندا ئىدلىبتىكى ئۆلۈم ۋە زۇلۇمدىن قېچىپ، چېغرادا كۈتىۋاتقان 1 يېرىم مىليون سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىغىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۇلايمان سويلۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئەدىرنە چېگراسىدا پاناھلىق تېلىگۈچىلەرگە  گىرېتسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مۇچ گازى ئېتىپ، ئىنسانىيەتكە خىلاپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ۋە چەتئەلدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىكى، گىرېتسىيە چېگراسىغا ۋەكىل ئەۋەتىپ، كۆچمەنلەرگە قىلىنىۋاتقان ئىنسانىيەتكە خىلاپ مۇئامىلىلەرنى كۆرۈش ۋە دوكلات قىلىشتۇر. گىرېتسىيە دائىرىلىرىنى 1951 – يىلىدىكى جەنۋە ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا ۋە ئاساسىي قانۇن تېكىستلىرىگە، ئەڭ مۇھىمى ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر