سىۋاسنىڭ كانگال ئىتى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟
دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «سىۋاسنىڭ كانگال ئىتى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

سىۋاسنىڭ كانگال ئىتى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟
ئانادولۇ سىۋاس كانگال ئىتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىزىمغا ئېلىنغان نەسىللىك ئىت تۈرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟
سىۋاس كانگال ئىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا نۇرغۇن قاراشلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ، كانگال تۈرىنىڭ تۈركلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشلىرى جەريانىدا تۈركىستاندىن بۈيۈك ئانادولۇغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى توغرىسىدىكى قاراش قوبۇل قىلىنغان.
كانگال تۈركىيەدە بولۇپمۇ ئانادولۇدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ھايۋانلارنىڭ بىرى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تونۇلغان ۋە ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىۋاتقان بۇ ئىتلار، خەلقئارا ئىت ئىلمى بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «كانگال» دېگەن نام ئاستىدا ئالاھىدە نەسىل دەپ قوبۇل قىلىنغان. «چوڭ ئىتلار» گۇرۇپپىسىدىكى كانگال ئىتلىرى ، گەۋدىلىرىنىڭ چوڭ بولۇشىغا قارىماي ئىنتايىن سۆيۈملۈك ۋە تەمكىن خاراكتېرگە ئىگە. پادىلارنى باشقۇرۇش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئىت نەسلى دەپ قارىلىدىغان كانگال، يالغۇز تۈركىيەدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا پادىچى ئىتى سۈپىتىدە بېقىلىدۇ.
مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر