خۇلۇسى ئاقار: ئىدلىبتىكى «باھار قالقىنى» ھەرىكىتىمىز غەلىبىلىك داۋاملاشماقتا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار 27 – فېۋرالدا سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئەسكەرلىرىمىزگە قىلىنغان ئىپلاس ھۇجۇمنىڭ ئارقىىسدىنلا باشلانغان «باھار قالقىنى» ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1369397
خۇلۇسى ئاقار: ئىدلىبتىكى «باھار قالقىنى» ھەرىكىتىمىز غەلىبىلىك داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار: «بۈگۈنگە قەدەر 1 دانە ئۇچۇقۇچىسىز ئايروپىلان، 8 تىك ئۇچار ئايروپىلان، 103 تانكا، 72 توپ ۋە كۆپ نورلۇق راكىتا ئاتار ۋە 3 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىتچىت قىلىندى ھەمدە 2212 نەپەر ئەسەد ئەسكىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېدى. 

خۇلۇسى ئاقار يەنە: «رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش دېگەندەك نىيىتىمىز ياكى مەقسىتىمىز يوق. نىيىتىمىز ئەسەد قەتلىئامىنى توختىتىش، رادىكاللىشىش ۋە كۆچمەنلەر دولقۇنىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. رۇسىيەدىن كۈتىدىغىنىمىز؛ ئەسەد قىسىملىرنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ، سوچى كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن چېگرا دائىرىسىگە چېكىنىشى ئۈچۈن ئۆز تەسىرىنى ئىشلىتىشىدۇر» دېگەنلەرنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

خۇلۇسى ئاقار: «ئىدلىبتىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆزىتىش نوقتىلىرى ۋە ئىستىھكاملىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا قارىتا قانۇنلۇق مۇداپىئەلىنىش دائىرىىسىدە، تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمىزدىن ھېچ كىشى گۇمانلانمىسۇن!» دېگەنلەرنى تەكىتلەپ، «قانۇنلۇق مۇداپىئە دائىرىسىدە بىزنىڭ نىشانىمىز پەقەتلا ئارمىيەمىزگە ھۇجۇم قىلغان ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئۇنسۇرلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر