ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1368234
ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك، رايونلۇق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تېلېفون سۆھبىتىدىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغىنىدەك، ئامېرىكا تۈركىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پودپولكوۋنىك كارلا گېلېئاسون، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئىككى مىنىستىر، رۇسىيە ۋە ئىران ياردەم بېرىۋاتقان بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى خائىنلارچە زوراۋانلىقى، بۇنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا سەۋەب بولۇۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىس ۋە لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر