ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىدلىبكە ئالاقىدار كېلىشىملەرنى قانداق ئىجرا قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى.

كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ، ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن قوشۇمچە تەدبىرلەرنى قوللىنىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئىككى رەھبەرنىڭ، تېلېفون سۆھبىتىدە، «ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشنى قارارلاشتۇرغانلىقى» نى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر