تۈركىيە نورۋېگىيە قاتارلىق بەزى ياۋروپا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، تۈركىيەنىڭ بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تەتبىقلىنىۋاتقان ۋىزا تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1368795
تۈركىيە نورۋېگىيە قاتارلىق بەزى ياۋروپا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، تۈركىيەنىڭ بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تەتبىقلىنىۋاتقان ۋىزا تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شەنگەن رايونى (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن ساياھەت قىلىش كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر) غا ئەزا دۆلەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ۋىزا تۈزۈمىمىزدە بىر پۈتۈنلۈكنى كۈچكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، 2 – مارتتىن باشلاپ كىرودىيە، ئېرىلاندىيە، مالتا، پورتۇگالىيە ۋە نورۋېگىيە پۇقرالىرىدىن ھەر 180 كۈندە 90 كۈن تۇرۇش شەرتى بىلەن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش قارار قىلىندى» دېدى.

بۇ قارار ئارقىلىق مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن ساياھەت ئىمكانىيەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاقسوي، باشقا ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشمۇ تۈپ نىشانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، 20 – يانۋاردىكى يازما باياناتىدىمۇ، ئاۋستىرىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، پولشا ۋە ئەنگلىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر